ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي ئالىي سوت ۋە باش تەپتىش مەھكىمىسى ئەزالىرى پەيشەنبە كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىىسى بەختىيار جامالوف ۋە ئۆزبېكىستان باش تەپتىشى رەشىتجان قەدىروف بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت ۋە باش تەپتىش مەھكىمىسى ئەزالىرى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەدلىيە ساھەىسىدە مەۋجۇت ھەمكارلىقنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.
1996- يىلى قۇرۇلغان خىتاي ۋە رۇسىيە يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەتتا خىتاي گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۇتۇپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە.
ئۆتكەن يىلى ئەنجان شەھىرىدىكى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، كانادا پۇقراسى ھۆسەنجان قارىمنى تۇتۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆسەنجان قارىمنى بۆلگۈنچى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىمەكتە. 10- ئاغۇست كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ھۆسەنجان قارىمنىڭ خىتاي تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنى سوتلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)
