خىتاينىڭ 'يۇلتۇزلۇق ئارال گېزىتى' دە 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مىننىسسۇتا شتاتىدىكى مىننېئاپولىس شەھىرىدە، ليۇ لىچىڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ساھىبلىقىدىكى 'خىتاي پاھىشىخانىسى دېلوسى' پاش قىلىنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ پاھىشە گۇرۇھ 100 نەپەر پاھىشە ئايالنى ئامېرىكىغا ئالداپ ئەكىلىپ نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ گۇرۇھنىڭ ساھىبى فېدېرال سوت مەھكىمىسىدە ئاياللارنى ئوغۇرلۇقچە يۆتكەپ كېلىپ پاھىشىگە مەجبۇرلىغان' دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى مىننېئاپولىس شەھرىدە "بەدەن ئۇۋۇلاش ئۆيى" دەپ نام قويۇلغان خىتاي پاھىشىخانىسى بىر كونا ئۆيدە تىجارەت قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇ پاھىشە گۇرۇھنىڭ ئەزالىرىنى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قولغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ' دېگەن نام بىلەن خىتايدىن ئالداپ كېلىنگەن، ئىنگلىزچە تىل بىلمەيدىغان خىتاي ياكى كورىيە ئاياللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىملىك رەسمىيەتلىرى تامامەن خوجايىن تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان.
ئۇلار بۇيرۇق بويىچە ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك ئەرلەرگە نومۇسىنى سېتىپ، تاپاۋىتىنى پۈتۈنلەي خوجايىنغا تاپشۇرىدىكەن. خوجايىن ئۇلارنىڭ تاپاۋىتىنى ھەر كۈنلۈك ئۆي ئىجارىسى ۋە ئايروپىلان بېلىتى قەرزى ئۈچۈن تۇتۇپ قالىدىكەن. بۇ خىتاي پاھىشەخانىسىنىڭ ساھىبى سېنتىلۇيىس شەھىرىدىكى چوڭ باغچىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ھەشەمەتلىك بىنادا داۋام قىلىۋاتقان پاھىشە تىجارىتىگىمۇ چېتىلىدىغان. (ۋەلى)
