خۇ جىنتاۋ پاكىستان بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2004.12.16

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكسىتان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز بىلەن ئۇچرىشىپ، پاكىستان بىلەن "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋ "خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنى قوغداش يولىدا تەدبىر ئالغانلىقىغا تەشەككۈر ئىيتىدۇ" دىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۆزى يول قويمىغان ساھەدە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان دىندارلارنى " بۆلگۈنچى، رادىكال دىنىي ئۇنسۇر ۋە تېررورچى" دىگەن ناملار بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىغان، پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىگە جاۋابەن، ھەر قانداق كىشىنىڭ پاكىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا قارشى "تېررورلۇق" ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ كەلمەكتە. پاكىستان ھۆكۈمىتى يەنە، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىلگىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن " خەلقئارا قانۇن نىزاملارغا خىلاپ" دەپ قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.