دەم ئېلىشقا چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كادىر - زىيالىيلىرى ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى
2008.01.25
دەم ئېلىشتىكى 50 نەچچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كادىرى ۋە زىيالىيلىرى يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىنسىيىدىكى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە زىيالىلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى كېلەر ئاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارغا يوللىغان خېتىدە بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى "ناھىيە ۋە باشقارمىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى" ئورنىتىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇستەقىل تەپتىش مەھكىمىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارغا خەت يازغان پىنسىيىدىكى بۇ كادىر ۋە زىيالىيلار 2007 يىلى يەنە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارغا خەت يېزىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ "خۇسۇسى مۈلك قانۇنى" چىقىرىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى. خەت يازغانلار ئىچىدە خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چىڭرۈي، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى كۇڭ شيەنتيەن، خىمىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چىن جۇڭدا قاتارلىقلار بار.
خەتتە ئەسكەرتىشىچە، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى رەھبىرى كادىرلارنى ئاممىنىڭ مال - مۈلىكىنى يەۋالىدىغان، دېھقانلارنىڭ يەر - زېمىنىنى يۈتۈۋالىدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلاپ، كومپارتىيىنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇ خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى، سەنشى ئۆلكىلىك پەنلەر ئكادىمىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ خۇڭجى، دائىرىلەر بۇ تەكلىپنى ئىناۋەتكە ئالىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا يېڭىدىن چىققان يۈز مىلليونچى ئۈچ چوڭ باي
- خىتايدا "مۈلۈك قانۇنى" ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ئەمگەك قانۇنى ماقۇللىدى
- گەنسۇ سىياسىي- قانۇن باشقارمىلىرىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى جازاغا ئۇچرىدى
- خىتايدا ھەر يىلى 30 دەك كىشى خاتا ھۆكۈمگە ئۇچرايدۇ
- ۋىن جياباۋ يۇقىرى قاتلامدىكى مالىيە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتتى
- خىتاي يېڭى يىلدا بىر يۈرۈش يېڭى قانۇن-قائىدىلەرنى يولغا قويدى









