خىتاي : پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ
2008.03.06
خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ، خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھازىرقى نوپۇس سىياسىتى ئۈستىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىراق، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرى ئېيتقاندەك " بىر پەرزەنت كۆرۈش" سىياسىتى بولماستىن، بەلكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە،خىتايدىكى 19 ئۆلكىدە، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنىڭ يەنە بىر پەرزەنت كۆرۈشىگە رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقىنى، يەنە باشقا 6 ئۆلكىدە 2 بالا ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 دىن 4 كىچە پەرزەنت كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى، تىبەت ئاپتونوم رايونىدا بولسا تۇغۇت چەكلىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گەرچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 4 پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمىليەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە 4 پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەر يوق دىيەرلىك بولۇپ، ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شەھەرلەردە 2 دىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگۈچىلەر، يېزىلاردا بولسا 3 تىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگۈچىلەر ھەر خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى جازالارغا تارتىلىدىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز پەرزەنت كۆرگەن، تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان ئائىلىلەرنىڭ 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەمەلدارلىرى "بىر پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتى" نى بىكار قىلىش بىشارىتىنى بەردى
- خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۆتكەن يىلى 93 مىڭ ئادەم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان
- خىتايدا بايلار ۋە ئەمەلدارلار پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- ئەر-ئايال نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئەندىشلەندۈرمەكتە
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قوپال شوئارلارنى چەكلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى
- خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى
- خىتايدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە جەمىيەت زوراۋانلىقىنىڭ مەنبەسى









