ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى
2007.11.09
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون، 8 - نويابىر پەيشەنبە كۈنى نيۇيوركقا جايلاشقان خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، بېيجىڭ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەش جەھەتتە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالمىدى دەپ، خىتاينى ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى.
ئۇ خىتاي پۇلىنىڭ تۆۋەن ئالماشتۇرۇش قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ: "نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنى بىر ئادالەتسىز رىقابەتنىڭ مەنبىيى دەپ تونۇيدۇ" دېدى.
ئۇ يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەش چاقىرىقىغا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي چوقۇم ئېلاستىكلىق تەدبىر ئېلىپ، پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بازار ئەھۋالى بەلگىلەيدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
2005- يىلى خىتاي پۇلىنىڭ ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى 11 پىرسەنت ئاشقان ئىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنري پائۇلسون كېلەر ئايدا خىتاي ھۆكۈمەت زىيارىتى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2006- يىلى مەزكۇر ئورۇنغا بېكىتىلگەندىن كېيىنكى 5- قېتىملىق خىتاي زىيارىتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بانكىلىرىنىڭ دۆلەت بۇيىچە بىر تۇتاش پۇل تۆلەش تورى كېلەر يىلى ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىدۇ
- نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئەرزان نەرسە خىتايدا قىممەت؟
- خىتاي، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى
- ۋىن جياباۋ يۇقىرى قاتلامدىكى مالىيە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي بانكىلىرىدىكى پاسسىپ قەرز مىقدارى خىتاي ئېلان قىلغاندىنمۇ كۆپ
- خىتاي دۇنيا بويىچە تاشقى پېرىۋوت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى
- خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈردى
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا
- خىتاي مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى









