خىتاي، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى

ئامېرىكىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بېسىملىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ خىتاي- ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا سۇندۇرغاندىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش يولىدا تېز قەدەم ئاتتى.

خىتاي خەلق بانكىسى،جۈمە كۈنى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا سۇندۇرغاندىكى قىممىتى شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى، بۇرۇنقى باھاسىغا قارىغاندا 0.3 پىرسەنتتىن 0.5 پىرسەنتكىچە ئۆسۈپ ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن خەلق بانكىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۆزگۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدە " زور داۋالغۇش"پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولمايدىكەن.

خىتاي خەلق بانكىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا،" بۇ ئۆزگۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ باھاسى زور مىقداردا ئۆرلەپ كېتىش ياكى چۈشۈپ كېتىش شۇنداقلا 'زور داۋالغۇش'پەيدا قىلىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرسە، خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدا ئامېرىكىنىڭ 230 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.

كېلەر سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى يېتەكچىلىك قىلىشى مۈمكىن. سودىدىكى قىزىل رەقەم ۋە ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكا تەرەپ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)