ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومتېتى ئەمگەك قانۇنى ماقۇللاپ، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان مەزكۇر قانۇندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خادىملارنى ياللاپ بىر ئاي ئىچىدە خىزمەت توختامى تۈزۈش ۋە ياللىغۇچىلار، ياللانغۇچىلارنى ئىشلىمەكچى بولغان ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى، خىزمەت تۈرى ، مائاش ۋە مۇكاپات ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق خەۋەردار قىلىش بەلگىلەنگەن.
كرىستان ئىلمىي كۆزەتچىلىك ژورنىلىدا، خارىس ۋە مورىس ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسى دان خارىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايدىكى قانۇننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ قانداق بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى قانداق شەرھىلىشى بىلەن باغلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتايدا بۇرۇن بېكىتىلگەن قانۇنلارغا ئوخشاش، بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ يېڭى قانۇن يۈرگۈزۈلەمدۇ - يوق، قانداق يۈرگۈزۈلىدۇ، كىمگە قارىتا يۈرگۈزۈلىدۇ؟ "
قانۇندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياللاش ۋە ياللىنىش جەريانىنى كۆزىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كرىستان ئىلمىي كۆزەتچىلىك ژورنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئاخىرىدا بۇ ھوقۇق يەنىلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن.(جۈمە)
