بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئادۋوكات لى خېپىڭ يېقىندا، كىملىكى نامەلۇم 10 نەچچە كىشىنىڭ قاتتىق تاياق زەربىسىگە ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە دەرھال بېيجىڭدىن ئايرىلىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە ئۇچرىدى.
خوڭكوڭدىكى جۇڭگۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئادۋوكاتلارغا نەزەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، ئادۋوكات لى خېپىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇن ۋە ئەدىلىيە سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، لى خېپىڭنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ، ئىشخانىدىكى بارلىق ماتېرىيال ۋە كومپىيۇتېرلارنى ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ، لى خېپىڭ ئىلگىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەشھۇر ئادۋوكات ، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى گاۋ جىمونىڭ ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق تاياق ۋە زەربىگە ئۇچرىشى شۇ سەۋەبتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئادۋوكاتلارغا نەزەر تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ نارازىلىق خېتىدە ، بېيجىڭنىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا، يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بولۇپمۇ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چ م ت: ئولىمپىككە ئاز قالغان بولسىمۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى
- ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ "لاۋگەي" تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى شىۋېتسىيىدە قارشلىققا ئۇچرىماقتا
- خىتاي پېشقەدەم دېموكراتنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويدى
- تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەلچىسى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربى كېڭەيمىچىلىكى تەيۋەنگە تەھدىت، دېدى