بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئادۋوكات لى خېپىڭ يېقىندا، كىملىكى نامەلۇم 10 نەچچە كىشىنىڭ قاتتىق تاياق زەربىسىگە ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە دەرھال بېيجىڭدىن ئايرىلىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە ئۇچرىدى.
خوڭكوڭدىكى جۇڭگۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئادۋوكاتلارغا نەزەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، ئادۋوكات لى خېپىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇن ۋە ئەدىلىيە سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، لى خېپىڭنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ، ئىشخانىدىكى بارلىق ماتېرىيال ۋە كومپىيۇتېرلارنى ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ، لى خېپىڭ ئىلگىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەشھۇر ئادۋوكات ، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى گاۋ جىمونىڭ ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق تاياق ۋە زەربىگە ئۇچرىشى شۇ سەۋەبتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئادۋوكاتلارغا نەزەر تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ نارازىلىق خېتىدە ، بېيجىڭنىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا، يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بولۇپمۇ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)