زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن نەزەربايېۋ خىتاي - قازاق مۇناسۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2006.01.10

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخۇڭ سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېۋ بىلەن ئاستانادا كۆرۈشۈپ، قازاقىستاننىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە "ئۈچ خىل كۈچلەر" نى باستۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا رەخمەت ئېيتتى.

زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوللايدىكەن. ئۇ، "خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، خىتاي قازاقىستاننىڭ ياخشى قوشنىسى، سەمىمى دوستى ۋە ئىشەنچىلىك شېرىكى بولىدۇ" دەيدۇ. قازاقىستان خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى يېقىن شېرىكى. خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى، سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۆكتىچى دىنىي زاتلارنى " ئۈچ خىل كۈچلەر" دەپ ئاتىماقتا ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى " تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماقتا" دەپ ئەيىبلىگەن. زېڭ چىڭخۇڭ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى ئاستاناغا كەلدى. ئۇ، خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ رامكىسى ئىچىدە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - قازاقىستان ئىقتىسادى، سودا ۋە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن نەزەربايېۋ، قازاقىستان خىتاي بىلەن ئىقتىسادى، سودا، ئېنىرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە تەييار، دەيدۇ. خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىدا ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىن تارتىپ نېفىت ئېقىشقا باشلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.