خۇ جىنتاۋ 20 ‏- دېكابىر كۈنى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20 ‏- دېكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۆلەت چېگرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېلىشىمى، ئاتىسۇ-ئالىتاغ تۇرۇبا قاتنىشى كېلىشىمى ئىمزالانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى 23 ‏- دېكابىرغىچە داۋام قىلىپ، ئۇ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى (پەيشەنبە كۈنى) خوڭكوڭغا بېرىپ، خوڭكوڭ بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتنىشى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىكەن. "بۈگۈنكى قازاقىستان" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، يۇقىرىدا "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" بايان قىلغان ئىككى كېلىشىمدىن باشقا يەنە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېتىراپ قىلىش، ئىلمىي تەتقىقات ئالماشتۇرۇش، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى تاموژنا چەكلىمىلىرى، ئارخىپ مەسىلىسى قاتارلىق 10 نەچچە خىل كېلىشىم ئىمزالانغان. (ۋەلى)