نازاربايىف قازاقىستان - خىتاي ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالدى
2006.12.21
خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قازاقسىتان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان، پەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي-قازاقىستان پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو، ئىككى تەرەپنىڭ ب د ت ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پائالىيەتلىرى دائىرىسى ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ۋۇ باڭگو شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇشتا قازاقىستاننىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.
پرېزىدېنت نائازاربايىف بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 20- دېكابىر كۈنى 21 - ئەسىردە خىتاي-قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق " كېلىشىمىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۆلۈنىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر ھۆججەت دەپ كۆرسەتتى.
چارشەنبە كۈنى، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزلانغان كېلىشىملەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نېفىت ۋە تەبئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجمىنى 2010- يىلىدا 10 مىليارد دوللارغا ۋە 1215- يىلىدا 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش، تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكال كۈچلەرگە قارشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەكىتلەنگەن.
پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نازاربايىف بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرى جەريانىدا، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ قاتارلىق رايونلارنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
- خۇ جىنتاۋ 20 - دېكابىر كۈنى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشكەن
- نۇرسۇلتان نازاربايىف خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۈس قىلدى
- زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن نەزەربايېۋ خىتاي - قازاق مۇناسۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي- قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئاستانىدە ئېچىلدى