خىتاي قىرغىزستانغا ھەربىي ياردەم قىلدى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىرغىزىستان چېگرا ئىشلىرى ئىدارىسىغا بەش مىليون يۈئەن قىممىتىدە ھەربىي ياردەم قىلدى.

قىرغىزىستاننىڭ قابار ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئىيۇن كۈنىدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى تورغات ئېغىزىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ 460 توننا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرا قوغداش ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ياردەم يۈكىنى قىرغىزىستان چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سادىربېك دۇبانايېۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاپشۇرغان. ئۇ، بۇ ياردەملەرنىڭ قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ 2004 – 2005 - يىللاردا تۈزگەن ھەربىي ياردەم كۆرسىتىش كېلىشىملىرىنىڭ رامكىسى ئاستىدا بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىشلىرى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولغان بولۇپ، ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە خىتايغا كېسىپ بېرىلگەن ئۈزەنگە قۇش رايونى ھەققىدە قىرغىزىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور غۇلغۇلىلار كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ئۆزىنىڭ بۇ قەتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇزەنگە قۇش رايونىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە تۈزۈلگەن كېلىشىمنى كۈچكە ئىگە قىلغان ئىدى.

قۇرمانبېك باقىيېۋ ئۆزىنىڭ 9-10 –ئىيۇن كۈنلىرىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا يەنە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكىمۇ رازىلىق بىلدۈرۈپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)