خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىنى دۇنيا دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە
2007.08.29
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن بولۇپ قالىدۇ.
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، 1921 - يىلى قۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى 73 مىليون ئەزاسى ئىچىدىن 2217 كىشى خىتاي پارلامېنتىغا كىرىشى ئاللىقاچان پىلانلىنىپ بولغان.
'رويترس ئاگېنېتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، 64 ياشلىق خۇ جىنتاۋ خىتايدا بازار باھاسى تېز سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەۋاتقان، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا بولۇۋاتقان، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈزلۈكسىز چىرىكلىشىۋاتقان، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېز كېڭىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە 17 - قۇرۇلتاي ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىمەكچى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبى جۇڭگو سەھەر گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇن، پارتىيە ئىچىدە تېخىچە سايلىنىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلار ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسۈتۈش، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ رىقابەتلىشىش، ئۇچۇق سايلام ئارقىلىق سالاھىيىتىنى مۇقىملاش دېگەندەك دېموكراتىك رەسمىيەتلەر ئەسەر يوق. رەھبەر بولىدىغانلار يەنىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە 'قارا ساندۇق ئويۇنى' ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەخپى بىكىتىلمەكتە. بۇ قېتىمقى رەھبەرلىك گۇرۇھى خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، زېڭ چىڭخوڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئادەمدىن باشقىسى، خۇ جىنتاۋنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھىدىن بەلگىلىنىدىكەن. سابىق سىياسى بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن 69 ياشلىق لوگەن قاتارلىق كىشىلەر ئارامغا چىقىرىۋىتىلىدىكەن. (ۋەلى)