خىتاي كومپارتىيىسى 17- قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، 9- ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىغىلىپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 16- نۆۋەتلىك 7- ئومۇميىغىنىنى باشلىۋەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزاسى قاتناشقان بۇ يىغىندا كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسى 17- قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، پارتىيە نىزامنامىسى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدىكەن ھەمدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىم-پەن تەرەققىياتى كۆزقارىشىنى پارتىيە يېڭى نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش ئىشلىرىنى بىر ياقىلىق قىلىنىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىدىن باشقا يەنە 125 نەپەر ئادەم چەتتىن قاتناشقان. ئەمما، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 16- نۆۋەتلىك 7- ئومۇميىغىنىغا، سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئىتى خۇاڭ جۈ ( ئۆلۈپ كەتكەن)، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى جاڭ دىڭفا، سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئىتى چېن لياڭيۈ قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشمىغان. ئەمما، دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان يېرى خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرى جىن رېنچىڭمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان.
بۇ نۆۋەتلىك 7- ئومۇميىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بۇ يىل 28- ئاۋغۇستتا ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى بۇ يىغىن بىر خىل مەخپىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغاچقا، يىغىن تەپسىلاتى ھەققىدە تېخى يېتەرلىك مەلۇمات بېرىلمىدى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئېچىلىدىغان 17- قۇرۇلتىيى، بۇ يىل 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. (جۈمە)