رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى


2005.11.04

خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرىقى باسقۇچى، دەپ قارالغان رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل فرەدكوۋنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى، جۈمە كۈنى خىتاي - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سىبىرىيە - داچىڭ نېفىت تۇرۇبا پىلانى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاخىرلاشتى. ئەمما ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيىدىن خىتايغا پويىز ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى كېلەر يىلدىن باشلاپ بىر ھەسسە كۆپەيتىپ، ئاز دېگەندە 105 مىليون ۋارىلغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

رۇسىيە - خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ قوشما ئاخباراتىدا ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىنى كۆپەيتىش، يادرو ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ خىتاي - رۇسىيە مۇناسۋىتىنى "تارىخنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرگە كىردى،" دەپ تەرىپلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىبىرىيە بىلەن داچىڭ ئارىسىغا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەۋىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بېرى خىتاي - رۇسىيە باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ تېمىسىنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىشارەت يوق.

رۇسىيە 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ پىلاننى ئېكېلوگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما ئىككى تەرەپ جۈمە كۈنى قوشما ئاخباراتىدا " ئاينى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم بوشلۇقى كەشپىياتىدا ھەمكارلىشىش" كە قوشۇلدى.

خىتاي رۇسىيە ھەربىي سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندا خىتايلار ئارقا - ئارقىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئادەملىك ئالەم كېمىسى رۇسىيە تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.