خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق " تىنچلىق ۋەزىپىسى -2005" ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 18-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرى ئەتراپىدا باشلانغاندىن كېيىن، 20-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تېررىتورىيىسىگە يۆتكىلىپ، شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ ئەتراپىدا مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى رەسمى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىرگە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان، ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان سەرخىل قوشۇنلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئاساس قىلغان.
21-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە ۋە خىتاي پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نەتىجىدە، ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى ۋە جەڭ سەنئىتى جەھەتتىكى پەرقلىرى روشەن كۆرۈنگەن. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ پەرقلىرى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان.
ببس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، رۇسىيە پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ مەخسۇس ھۇجۇم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىلىرى ھاۋادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەرگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم ماشىنىسى يەرگە چۈشۈرۈلۈش جەريانىدا پاراشوت ئېچىلماي قېلىپ، كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خىتاي پاراشوتچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن قورال ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا 800 مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەپ، نىشانغا چۈشەلمىگەن. ئەمما، رۇسىيە پاراشوتچىلىرى تولۇق قوراللانغان ھالدا 600 مېتىردىن سەكرەپ، دەل نىشانغا چۈشەلىگەن.
ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيە پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ خىتاي پاراشوتچى قىسىملىرىدىن قورال، ماھارەت جەھەتلەردە كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى سېزىۋېلىشقان. (ئۈمىدۋار)