خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كىلەر ھەپتە شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم پيوڭياڭنى زىيارەت قىلىشى بولىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،خۇجىنتاۋ شىمالىي كورىيىگە قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى كىلەر جۈمە كۈنى باشلايدۇ. ئاندىن ۋېيتنامنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ. خۇجىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى بىلەن يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئۇنى ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلىتىدىن كەمدىن كەم ئايرىلىدىغان شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان شارائىتتا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان ئىدى.
خىتاي ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسى ھەققىدىكى 4 - رەت دىئالوگتا، شىمالىي كورىيە يادرو پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلغان. ئەمما ئارقىدىنلا پىيوڭياڭ يەنە يېڭى شەرت قوشۇپ، خەلقئارادىن بىر رادىئاكتىپ قازان بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شىمالىي كورىيىگە ئەۋەتكەن. ئۇلار شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ مەخسۇس تېلىگىرام ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى "قىممەتلىك بايلىق" دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە شىمالىي كورىيە دىكتاتورى كىم جۇڭئىلنىڭ رەھبەرلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن. (ئارزۇ)