بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ كورىيە يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەسىلىسى ئۈستىدە تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج W بۇش بىلەن تېلېفۇن سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى كورىيە يادرو قوراللىرى ئېلىپ كېلىدىغان خەتەر مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرىزىدېنت بۇش، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىر كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى بولۇپ، ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە يەنىلا تاشقى دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق مەزكۈر مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۈس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ، ئىزچىل تۈردە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تېنچ ۋە مۇقىم بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە، پرىزىدېنت بۇشنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي تەشەببۈس قىلىاۋاتقان كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تېنچ ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى ئالاھىدە تەرىپلەيدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتىكى ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ياپونىيىنىڭ كورىيە يادرو قوراللىرىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ، كورىيىنى يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ، ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۈر قارار لايىھىسىى ئەنگىلىيە، ئامېىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ مەسىلىسدە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى پىكىرىنى ساقلاپ قېلىش مەيدانىنى ئىپادىلىمەكتە. (ئەقىدە)