خىتاي دۇنيادىكى ئىتىۋارىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بەزى شىركەتلەرنى تاقاشقا باشلىدى

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلسىدە سۆھبەت ئېلىپ خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقارغان كارخانا ۋە شىركەتلەرنى تاقاشقا باشلىدى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى، خەلقئارا جامائەتكە خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارىماقتا.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالى دەرىجىلىك خادىمى مېگلىنا كونىۋا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. شۇنداقلا 31‏- ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا بەش كۈن داۋاملىشىدىغان سۆھبەت باشلانماقچى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋىتىلگەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، پانامادا 94 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە شىمالى ئامېرىكىدا نۇرغۇنلىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ھالاك بۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، بىر نەچچە خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىشى چەكلەنگەن خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتىدا، ئامېرىكىغا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلغان بىر قىسىم شىركەتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلار ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئۆمەر قانات)