ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خىتاينىڭ ئېكسپورت مىقدارى بۇ يىلمۇ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي كەلگۈسى بىرنەچچە يىل ئىچىدە سودا جەھەتتە ناھايىتى چوڭ سۈركىلىشكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. خىتاينىڭ رەڭلىك تېلېۋىزور، كىيىم-كىچەك، ئاياق قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلىرى كۆپىنچە ھالدا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2005 - يىلىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مىقدارىدا ناھايىتى كۆپ قىزىل رەقەم چىقىپلا قالماستىن، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بولغان سودىدىمۇ 106 مىليارد يۇرو قىزىل رەقەم چىققان ئىدى. شۇڭلاشقا ياۋروپا بىرلىكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاياق كىيىملىرى ئۈچۈن 19% ئاشۇرۇپ باج ئېلىشنى قارار قىلغان. پەرەز قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا كېلىپ چىقىدىغان سۈركىلىش بارغانسېرى چوڭىيىشى مۇمكىن. (ۋەلى)