خىتاي سۇدانغا 300 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىدۇ

خىتاينىڭ ھازىر چەتئەللەردە تىنچلىق ساقلاش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 1800 ئەسكىرى بار. ئۇ ھازىر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ ئىچىدە، فرانسىيىدىن قالسا چەتئەللەرگە تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۆپ ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جۈمە كۈنى يەنە سۇدانغا 300 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارى گۇخېننونىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە دارفۇر رايونىدا يۈز بەرگەن مىللىي قىرغىنچىلىقتا 200 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم يۇرتىدىن سرتقا قېچىپ چىقىپ مۇساپىرچىلىق ئازاپىنى تارتماقتا. گەرچە دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 26 مىڭ كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ پىلان ئورۇنلىنىشتىن تېخى كۆپ يىراقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي يېقىندا تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىغا ھەربىي تەلىم بېرىش راسخوتىغا يەنە 100 مىليون يۇەن پۇل قوشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ دەپ ئاتايدۇ. (ۋەلى)