دارفۇردىكى كۈچلۈك قوراللىق پارتىزانلار ئەترىتى مەركىزى سۇدانغا جايلاشقان خىتاي باشقۇرۇشىدىكى بىر نېفىتلىككە ھۇجۇم قىلىپ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى مەزكۇر نېفىتلىكتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
دارفۇردىكى ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى خېلىل ئىبراھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 11 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى نېفىتلىككە ھۇجۇم قىلىپ بۇ جايدا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 3 باتاليون سۇدان ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغان.
ئىبراھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇلار ھۇجۇم قوزغىغان نېفىت مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قارمىقىدىكى " سەددىچىن سېپىلى" دېگەن بىر شىركەت مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار، بۇ جايغا ھۇجۇم قوزغىشىدىكى ئاساسى سەۋەب سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى كۈچەيتىۋەتكەن چەت ئەل نېفىت شىركىتىنىڭ سۇداندا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇممۇ مەركىزى سۇداندىكى كوردوفان رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ رايونغا جايلاشقان خىتاينىڭ يەنە بىر نېفىت مەيدانى بۇ يىل ئۆكتەبىردە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.
دارفۇر پارتىزانلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە سۇدان نېفىت سانائىتىگە كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ دەپ خىتاينى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت سودىسىدىن كىرگەن كىرىمىنىڭ 70 پىرسەنتى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ئۈزلۈكسىز ھەربىي ھۇجۇملار جەريانىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە 2.5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى. (جۈمە)