خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۇەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىلىگە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىلىقىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساۋ گۇاڭچۈەن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قوراللىق قىسىم كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە "بىز خىتايلار تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشانلىغان ھەرقانداق بىر خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز" دەپ بىلدۈرگەن.

ساۋ گۇاڭچۇەن سۆزىدە يەنە، ھەرقانداق بىرسىنىڭ تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىشىغا يول قويالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىشىشىنى ئىستەشتە ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)