خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەننى بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىدى


2005.01.28

خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، جۈمە كۈنى تەيۋەن مەسىلىسى بويىچە بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچسە، بېيجىڭ تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خەلق سارىيىدىكى يىغىن جاڭ زېمىننىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى 8 نۇقتىلىق تەكلىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسۋىئىتى بىلەن چاقىرىلغان. جيا چىڭلىن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەن ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ، “تەيۋەن دائىرىلىرى ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ قانۇن جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى،” دەپ كۆرسەتكەن. جيا چىڭلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالغا ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىكەن.

ئامما چېن شۈيبيەن تەيۋەن ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانى ھۆكۈمەت مىخانىزىمىنى ياخشىلاش بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىلمىغان، دەپ ئاقلىماقتا. جيا چىڭلىن، " ئەگەر دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى تەيۋەن مۇستەقىللىق پرىنسىپىدىن ۋاز كېچىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى توختاتسا، بېيجىڭ تەرەپ ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى شۇنداقلا ئۆز ئارا ئۇچرۇشىشنى خالايدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن.

شۇ كۈنى تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى جاڭ زېمىننىڭ 8 نۇقتىلىق تەكلىپىنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلۇپ، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ مۇناسۋىتىگە يېڭى تەسەۋۋۇر بىلەن يۈزلىنىشكە ئۈندىدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.