خۇ جىنتاۋ، تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ رەئىسىنى خىتايغا تەكلىپ قىلدى
2005.04.18
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن ئۆكتىچى خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سوڭنى خىتايغا تەكلىپ قىلدى. بىر قانچە ھەپتە ئاۋال خىتاي ھۆكۈمىتى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى كۈتۈۋالغان ئىدى.
خەلقپەرۋەر پارتىيىسى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە، تەيۋەندە ھاكىمىيەتتىكى پرېزىدېنت چىن شۈي بيەننىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي ھېسابلىنىدۇ.
خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ تەيبىدىكى ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى سوڭ خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن كىلەر ئاي بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننى، تەيۋەننى مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن خەلق پارتىيىسى قاتارلىق، خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى ياقلايدىغان پارتىيە رەھبەرلىرىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، پرېزىدېنت چىن شۈي بيەننى يېتىم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
تەيۋەندىكى خىتاي ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ رە ئىسى جوزىف ۋۇ، تەيبىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەت سوڭنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ماقۇللىشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇخىل زىيارەتلەردىن تەيۋەن خەلقىنى بۆلۈپ، چىن شۈيبىيەن ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن پايدىلانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن پرېزىدېنتى رىم پاپاسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشماقچى
- گومىنداڭ رەھبىرىنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خىتاي، تەيۋەننى جىددىي ۋەزىيەت ياراتتى دەپ ئەيىپلىدى
- تەيۋەن، باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى قورال سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
- تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ئەيىبلىدى