خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ خىتاينى تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتىنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان دوكلات دەپ كۆرسەتتى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ 20- ماي كۈنى ئېلان قىلغان 155 بەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىغا ھەربىيسىز رايون بەرپا قىلىش ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە توغرىلىغان بومبىلىرىنى يوقىتىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېييى، " بۇ دوكلات ئىككى قىرغاقتىكى خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا توساق قويۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا قىلىشقا قۇترىتىدۇ" دېدى. ئۇ يەنە، بۇنىڭ يەنىلا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ نەچچە يۈزلىگەن باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى تەيۋەنگە قارىتىپ توغرىلاپ قويغانلىقىنى ھەمدە بۇ بومبىلارنىڭ سانىنى يىلىغا 100 دانىدىن ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. خىتاي تەرەپ بولسا، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق يولىنى ئىزدىسە قورال كۈچى ئىشلىتىشىتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)