خىتاي، تاجىكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە


2006.09.21

تەڭرىتاغ تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمانوف بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى 500 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك چىقىرىش ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا لىنتا كەسكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنى 6 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلىكتە ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن 340 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاي - تاجىكىستان چېگرىسىدىكى قارا سۇ پورتى بۇ يىل 5 ‏- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېچىۋىتىلگەندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەنگەن توقۇلما بۇيۇملىرىدىن 95. 861 توننا ئېكىسپورت قىلىنغان.

خىتاي، شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپلا قالماي، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ھەمكارلىقى تۈزدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تېررور تەشكىلاتى ۋە تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى جازالاش ھەققىدە بۇ دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى.

ئۆزبېكىستان، كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.