خىتاي چېن شۈيبيەنگە ھەربىي مانېۋىر بىلەن جاۋاب بەرمەكچى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسىنى توختاتقاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى قوراللىق قىسىملارنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي تور بەتلىرى مانېۋىرنى قوراللىق قىسىملارنىڭ "چېن شۈيبيەنگە قايتۇرما زەربە بېرىش" يولىدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى"، دەپ ئاتىغان.

ئازاتلىق ئارمىيە گېزىتى" گۇاڭجۇ، شېنياڭ، چېڭدۇ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق ھەربىي رايونلىرىدا 3 خىل ئارمىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شېنياڭ ھەربىي رايونىدا خىتاينىڭ 2 - توپچى قىسىملىرى مانېۋىرغا قاتناشقان. چېڭدۇ ھەربىي رايونىدا ھاۋا ئارمىيە ۋە يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەشىقى ئېلىپ بېرىلدى. بېيجىڭ ھەربىي رايونىدا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

شاڭخەيدە چىقىدىغان خىتاي تور بەتلىرى مانېۋىرنى جۇڭگونىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەنگە قارشى "يۇمشاق ۋە قاتتىق" ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى " تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى خەتەرلىك قەدەم"، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈي سەيخۇ يېقىندا نەنجىڭ ھەربىي رايونىنى زىيارەت قىلىپ، قوراللىق قىسىملارنى ھەربىي كۈرەشنىڭ ھەر خىل تەييارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋە يېڭى دەۋردىكى تارىخىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. (ئەركىن)