تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
2007.04.16
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن مۇراجەت قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ب د ت نىڭ بىر ئورگىنىغا ئەزا بولۇش ھوقۇقى يوق دەپ كۈرسەتتى.
تەيۋەن، سارس ۋە قۇش زۇكىمى قاتارلىق جىددىي كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلماقتا. پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن ئۆتكەن ھەپتە شىۋىتسارىيىنىڭ مەركىزى جەنۋە شەھىرىدىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىر خەت ئەۋەتىپ، تەيۋەننىڭ بۇ تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ب د ت نىڭ بىر ئىدارىسى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەر ئەزا بولالايدۇ. تەيۋەن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ھوقۇقى يوق دەپ، كۆرسەتكەن. (ئومەر قانات)