بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بېيجىڭنىڭ 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى' خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئورگان' ىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تور ئالاقىسى ئارقىلىق مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى بايقىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندىكى بۇ جاسۇسلۇق ئورگان 'خاكېر' تېخنىكىسىنى قوللىنىپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تارماقلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قوزغاش بىلەن شۇغۇللانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكەتنى كونترول قىلىۋاتقان لى فاڭرۇڭ ئىسىملىك كىشى تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق كەسپى جاسۇسى. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ھازىر ئۇنى تۇتۇش ھەققىدە جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە بۇ كىشىنى تۇتماي قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جۇاڭ خېزى ئەپەندى "خىتاينىڭ تەيۋەندىن مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ناھايىتى چوڭ جاسۇسلۇق قوشۇنى بار. خىتاي ئۆزى ھازىر "ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋقىراش" ھېلىسىنى ئويناۋاتىدۇ" دېگەن.
تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق 1949 - يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، گەرچە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق جېڭى توختىمىغان ئىدى. ھازىرقى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى بولماسلىقىنى 23 مىليون تەيۋەن خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەش دېگەن دېموكراتىك ھەرىكىتىنى يولغا قويغانلىقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈردى. (ۋەلى)