خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى


2007-12-06
Share

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 ‏- دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

سۆھبەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋ بۇشقا " : تەيۋەن مەسىلىىسنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك" دېگەن.

پرېزىدېنت بۇش بولسا خۇ نىڭ سۆزىگە جاۋابەن ": ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا تەرەپ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگۇ بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي يوسۇندا تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بىراق ئامېرىكا تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى بۇيىچە، ئەگەر تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

خىتاي تەيۋەن " مۈستەقىللىق " نى جاكارلىسا، تەيۋەنگە قارىتا قوراللىق ھۇجۇم باشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بۇ ھەقتە " تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش ‏- بولماسلىقىنى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق بەلگىلەيدۇ" دېگەن ئىپادىسىدە چىڭ تۇرماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت