ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى

19 ‏- دېكابىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىدىن دانا روھراباچېر ۋە توم تانچرېدولار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايسقا خەت يوللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئومۇمخەلىق راي سىناش ھەرىكىتىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتىنىڭ 20 ‏- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، كاندىلىزا رايسقا يوللانغان خەتتە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ: "تەيۋەن خەلقى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ توسقۇنلۇقىسىز ئۆز ئالدىغا سايلام ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك،" دېيىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر خەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ كېلەر يىلى مارتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئومۇمخەلىق راي سىناش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر- ئىككى قېتىملىق ئوچۇق ‏- ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشلەتكەن ئاتالغۇلارنى ئەينەن ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەيىنلەپ ئايلارغا سوزۇلغان ئەيىبلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەيۋەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى ۋېن يەنچېن، بۇ ئىككى نەپەر تەيۋەننى قىزغىن قوللىغۇچىلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يازغان خېتىدە نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوخشاش تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە "ئامېرىكىغا جايلاشقان تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش پىلانىغا قارشى چىققانلىقىدىن ئىنتايىن قايغۇردۇق ۋە بۇرۇقتۇم بولدۇق،" دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق، بېرما، رۇسىيىدە ۋە دۇنيانىڭ باشقا بۇلۇڭلىرىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان پەيتتە، ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ خىتاي رەھبەرلىرىگە تەيۋەننىڭ دېموكراتىيە ئەندىزىسىنى ئۈلگە ئېلىش توغرىلىق تەكلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنىڭ ئىنتايىن مەسخىرىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (جۈمە)