جەنۇبىي سپراتلى تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەننىڭ ئايرودروم قۇرغانلىقى خىتاينى غەزەبلەندۈردى
2008.01.30
خەلقئارادا سپراتلى تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان ئاراللارنىڭ بىرى بولغان، كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي تاقىم ئارىلىدا، تەيۋەن بىر ئايرودروم ياسىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچ ئوكياندىكى سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ۋە بايلىق مەنبەلىرى ئەڭ مول دەپ ھېسابلىنىدىغان جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا قۇرغان بۇ ئايرودرومنى تەيۋەننىڭ ھاۋا قىسىم بازىسى دەپ ئاتىغانلىقى ۋە بۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مىڭ كىلومېتىر دېڭىز تەۋەلىكىنى تەيۋەننىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز تاشپاقىسىنى قوغداش رايونى دەپ ئېلان قىلغانلىقى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 1988 - يىلى خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كىچىك دائىرىلىك ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. يېقىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۈچىلىسىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر شەھەر تەسىس قىلغاندا، ۋېيتنامدا بۇنىڭغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغالغان ئىدى.
بۇ ئاراللارغا قارىتا مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە.(ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ھەربىي مانېۋىردا ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نامايەن قىلدى
- دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيسى كۆرسەتكەن پرېزىدنت كاندىداتى ما يىڭجيۇنىڭ سايلام ئېلانى
- تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى مۇستەقىللىقنىڭ ئىنكارىمۇ ياكى چېن شۇيبيەننىڭ ئىنكار قىلىنىشىمۇ؟
- تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى