يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
2008.02.22
خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى شېن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان. تەيۋەن "بىرلەشمە " گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لى شېن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن 3 - كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمىلى ئەڭ يۇقىرى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ لى چيەندىن گۇمانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە 2000 - يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى، چاغان بايرىمى ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى يازدى. لى چيەن 1990 - يىللاردا خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىدە خىتاي - تەيۋەن قاتناش ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن يېقىندىن تونۇشاتتى. ئۇ ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ھاۋا يوللار قاتنىشى ۋە خىتاي - تەيۋەن ئارىسىدا دېڭىز قاتنىشىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەم بۇ جەرياندا 3 قېتىم تەيۋەنگە بارغان ئىدى. ئۇ 1999 - يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خۇسۇسي ئىگىلىكىنى تىكلەشكە باشلاپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەيۋەن مەسىلىلىرىدە ئاساسلىق بىلەرمەنلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن 2 كىشىنى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. بۇ كىشىلەر 1991 - يىلى قولغا ئېلىنغان جۇڭگو تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چۇ ۋېي ۋە 2004 - يىلى قولغا ئېلىنغان نەنجىڭ شەھەرلىك تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈننىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لى چيەن بولسا خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلاردا ئىشلەپ جاسۇسلۇق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان 3 - كىشىدۇر.
يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى خىتاي - تەيۋەن ئارىسىدىكى سودا ۋە ئاممىۋى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي،ئىككى قىرغاقنىڭ جاسۇسلۇق ئۇرۇشى توختاپ قالمىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تەرەپ پاش قىلغان جاسوسلۇق ھەرىكىتىنى"ئويدۇرما" دەپ كۆرسەتتى
- تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتتى
- ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشى قولغا ئېلىندى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
- جەنۇبىي سپراتلى تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەننىڭ ئايرودروم قۇرغانلىقى خىتاينى غەزەبلەندۈردى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى
- تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى