خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
2008.02.20
بۈگۈن 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 'تەيۋەننىڭ كوسوۋانى ئېتىراپ قىلىش - ياكى قىلماسلىق ھوقۇقى يوق، بۇنداق مەسىلىدە پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭلا قارار قىلىش ھوقۇقى بار' دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ساقچىلىرىنىڭ سانى 15 ئەر، ئۈچ ئايال. بۇ ساقچىلار ھازىر خىتايدا ئېنگىلىز تىلى، ئېتىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، جىنايەت دېلولىرى تەكشۈرۈش، قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي تەربىيىلىنىۋاتقان 70 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ساقچىلار ئىكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈردى
- ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى
- تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتتى
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- جەنۇبىي سپراتلى تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەننىڭ ئايرودروم قۇرغانلىقى خىتاينى غەزەبلەندۈردى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- نازران شەھىرىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- تەيۋەن ھەربىي مانېۋىردا ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نامايەن قىلدى
- دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟