خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2008.03.11
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلىۋېزىيسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ سۆزلىرىدىن ئىسپاتلاپ خەۋەر ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تىبەت پايتەختى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان.
چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە " دۈشەنبە كۈنى لخاسادا ئاز بىر قىسىم لاما راھىپلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان، قانۇنغا خىلاپ ۋەقە سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى " دېگەن.
چىڭ گاڭ بۇ سۆزلەرنى بىر مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا رادىئومىزدا، 300 دىن ئارتۇق تىبەت راھىبلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى،لخاسادىكى شەھەر مەركىزى مەيدانىدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن يىغىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ 60 قا يېقىن راھىبنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لخاسادىكى نامايىش يىغىلىشىغا قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى تىبەت راھىپ ھەم راھىبەلىرى بولۇپ، ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شۇ كۈنى يەنە، لخاسادا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتقان ئون بىر نەپەر تىبەت راھىپ ۋە راھىبەلەرنى قولغا ئالغان.
لخاسادىكى خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ مەزكۈر نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن 10 ھەربىي ئاپتوموبىلى، 10 ساقچى ئاپتوموبىلى ھەمدە بىر نەچچە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، نامايىشچىلار زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ھەم ساقچىلار تەرىپىدىن تىنجىتىلغان. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستاندىكى تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى
- سۈرگۈندىكى تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ھىندىستاندىن تىبەتكە قاراپ يول ئالدى
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنى ئەيىبلىدى
- خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى
- ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ئىسلاندىيە ناخشا چولپىنى شاڭخەيدە تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىدى
- "ھەق - ھوقۇقىمىزنى ۋە قەدىر - قىممىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز "
- سىچۇەندە نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش ھەققىگە نارازى بولۇپ ئىش تاشلىدى
- تىبەتتە قىلىنغان نامايىش باستۇرۇلدى
- پروفېسسور سۇ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا يەرلىك يازما ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى
- گۇاڭجۇدا 4 مىڭ كىشى ئىش تاشلاپ يوللارغا توساقلارنى قۇردى
- ئىككى نەپەر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى بىلەن ئىپادىلىدى