خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونىغا مەسئۇل، ئىككى سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسى قۇردى


2007-04-17
Share

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە مەسئۇل سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى لو گەن ئىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى كادىر سەپلىشى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ۋە شۇنداقلا تىبەتكە قوللىنىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. يەنى ئۇيغۇر ئېلىگە قاتتىق قوللۇق، تىبەت رايونىغا يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا تېبەت رايونىدىكى سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە تېبەت رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىنلىلارمۇ بار ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچى تەشكىلاتلىرى مەمۇرى ئورنى ھەمدە سىياسىي ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بۇ ئورگاننىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (مىھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت