خىتاينىڭ شەنتۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۆلدى


2006.04.13

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتو شەھىرىدىكى بومېي كەنتىدە چارشەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئايال كەنت پۇقراسى ساقچىلار ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدا يارىلىنىپ ئۆلدى. تەخمىنەن 4 مىڭدەك كەنت پۇقراسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر جۈپ قوۋۇقنى چېقىۋەتمەكچى بولغانلىقىغا قارشى چىققاندىن كېيىن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۈپ قالغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچتى. بۇ جەرياندا 30 ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ ساقچىلار ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدا باش قىسىمىدىن ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ب ب س، توقۇنۇش جەريانىدا ئاز دېگەندە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رادىئومىزنىڭ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەردىن ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى باستۇرۇشقا 3000 دەك ساقچىنى سەپەرۋەر قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگودا " سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت" قۇرۇدىغانلىقىنى ۋە دىھقانلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېزىلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تىنجىتالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.