سەندۇڭدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى


2007.09.04

8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سەندوڭنىڭ شىماۋ يېزىسىدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ بايانىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەندىن باشقا يىگىرمە نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.

ۋەقە يۈز بەرگەن شىماۋ يېزىسى تۇڭگانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان شاڭخې ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان جاي بولۇپ ، 17 - ئاۋغۇست كۈنى بىر تۇڭگان ياش شىماۋ يېزىسىدىكى بازاردا ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا بايقىلىپ قېلىپ ، بىر قانچە يەرلىك خىتايدىن قاتتىق تاياق يەپ يارىلانغان. بۇ تۇڭگان ياشنىڭ يۇرتداشلىرى، ئۇرغۇچى خىتايلاردىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە شىماۋ كەنتىگە بارغىنىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىكەن.

گەرچە بۇ توقۇنۇشتا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ خىتاي ياكى تۇڭگانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. يەرلىك ئاممىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ، ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتتە كوچىلار يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ھەمدە توقۇنۇشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىددىي تىنجىتىلغان .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئادەتتە مىللىي توقۇنۇشلار توغرىلىق خەۋەر ئېلان قىلمايدۇ . شۇڭا بۇ قېتىم سەندۇڭدا يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلۈشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان ۋەقەمۇ ئاخبارات يۈزىگە چىقمىغان .

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، 2000 - يىلى 12 - ئايدا شەندۇڭنىڭ يۇڭشىن ناھىيىسى خېليۇ بازىرىدا بىر چوشقا گۆشى ساتىدىغان دۇكان " ھالال چوشقا گۆشى" دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىپ تىجارەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك يەرلىك تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.