تۈركمەنىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۈركمەنىستان بانكىلىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرى بىلەن قەرز پۇل ئېلىش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە يول قويغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تۈركمەنىستانغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بەرگەن.
خىتاي بۇ قەرز پۇللارنى يۇقىرى ئېتىبار بىلەن بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇددىتى 20 يىل، يىللىق ئۆسۈمى 3% ئىكەن. تۈركمەنىستان پرېزىدېنتلىق ئاخبارات ئىشخانىسى، بۇ پۇللارنىڭ قىرغىزىستاندىكى " مارازوت" بىرلەشمە شىركىتىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىشىغا ھەمدە بىر ئەينەك زاۋۇتى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
شۇنداقلا بۇ پۇللارنىڭ قىرغىزىستاننىڭ مىنېرال ئوغۇت ۋە ئەينەك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوف بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش كېلىشىمىنى تۈزگەن ئىدى.
نىيازوف بىلەن خۇ جىنتاۋ ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمدە، "ئىككى دۆلەت شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى كۆرەشنى، دۇنيا تېرروچىلىقىغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ" دېيىلگەن. (پەرىدە)