خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس گاز يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پىلانىنى ماقۇللىدى. ئەگەر بۇ گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تاماملانسا يىلىغا 30 مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت گازى ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتاينىڭ گۇئاڭجۇ ئىقتىسادىي رايونىغا ئېقىپ كېلىدۇ.
مەزكۇر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركمەنىستاندىن خىتايغا مەزكۇر گاز تۇرۇبا ئارقىلىق ئېقىپ كېلىدىغان تەبئىي گاز مىقدارى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن شاڭخەيگە ئېقىۋاتقان تەبئىي گاز مىقدارىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىكەن. خىتاي بۇ يىل ئاپرىلدا تۈركمەنىستان بىلەن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش توختامىنى تۈزگەن. ئەمما توختام سوممىسىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى. تۈركمەنىستان بىلەن گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا خىتاي نەچچە ئون مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.
خىتاي نۆۋەتتە روسىيە بىلەن سىبىرىيە رايونىدىن خىتاينىڭ شىمالىغا گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئورنىتىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە جەھەتتە روسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆكتەبىردە مەخسۇس سۆھبەت ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى. (گۈلچېھرە)