خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى ۋېينامغا يىتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتكە قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇجىنتاۋ بۇ سەپىرىدە كوممۇنىست ۋېيتنام بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئانالىزچىلار، خۇجىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنامدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسى دەپ قارىماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ، كۈتېۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ۋېيتنام پرېزىدېنتى چېن داك لۇڭ ۋە ۋېيتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى نوڭ داك مان بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان.
بۇ يىل 6 - ئايدا، ئامېرىكا- ۋېيتنام مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 10 - يىللىقىنىڭ ھارپىسىدا، ۋېيتنام باش مىنسىتىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتكەن ئىدى. خەۋەرنىڭ ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايمۇ نۆۋەتتە ۋېيتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي بىلەن ۋېيتنامنىڭ چېگرا ئىختىلاپى بار. ئەمما 14 يىل ئاۋۋال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن بۇيان، خىتاي ۋېيتنامنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. ئانالىزچىلار ۋېيتنامنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىسلاھاتىدىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىسلاھاتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)