خىتايدا ھازىر خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ ئەركىن تارقىتىلىشى چەكلەنمەكتە
2006.04.13
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل خەۋەرلىرىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى يېڭى ئۇقتۇرىشى
يېقىندا خىتاي دۆلەت رادىئو ، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئەركىن دۇنيانىڭ مەتبۇئاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا " يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىغا ' روشەن سىياسىي قاراتمىلىقى' بولغان خەلقئارا خەۋەرلەرنى يوللىماقتا ، شۇڭا ھەرقايسى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلەرنى ئۆز ئالدىغا بىۋاستە ئۇلاپ ئاڭلىتىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن .
خىتاي دۆلەتلىك رادىئو ، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە " مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت خەلقئارا خەۋەر پروگراممىلىرىنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن شۇنداقلا خەلقئارا خەۋەرلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن " دەپ يېزىلغان. خىتاي دۆلەتلىك رادىئو ، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا خىتايدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەرزامان سىياسىي، ئومۇملۇق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ "ھەر قايسى دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرى سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ھەمدە يېتەكلەش نۇقتىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، باشقۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك " دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دۆلەتلىك رادىئو ، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە، بۇندىن كېيىن خىتايدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خەلقئارا خەۋەرلەرنى بېرىشتە ، چوقۇم مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خىتاي خەلقئارا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن خەۋەرلەرنىلا بېرىشى كېرەك ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق بېرىلىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش قەتئىي چەكلەنگەن بولۇپ،ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا بۇ ھەقتە چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن .
خىتايدا ھازىر چەتئەل تىلىدىكى ژورناللارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىمۇ چەكلەنمەكتە
يېقىندا خىتايدىكى ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان چەتئەل ژورناللىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى . ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھازىر خىتايدا، بىر قىسىم چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تور بەتلىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن، يەرلىك مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن .
ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق « بېيجىڭ باھارى » ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ژورناللىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر خىل چېكىنىش دەپ كۆرسەتكەن .
خىتاينىڭ شىئەن ئۆلكىسىدىكى ئۆكتىچى ما شياۋمىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى پۇقرالارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ھۆقوقىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ قارىماقتا .
كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ئالاقىلارنىڭ خىتاي خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» خىتايدىكى بىر قىسىم سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
- خاڭجۇدا چاقىرىلغان دۇنيا بۇددا مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا دالاي لاما قاتناشتۇرۇلمىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى سەندۇڭدا بىر يازغۇچىنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىدى
- تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى خىتاي دېموكراتچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى
- خىتاي فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى