خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ئۇلغايدى


2005.04.04

خىتايدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان باشلانغان ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار بارغانسېرى كۈچىيىپ، نامايىشچىلار ھەتتا ئۇ يەردىكى ياپونىيە شىركەتلىرىنى بۇزۇپ-چېقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي يوسۇندا خىتايدىكى ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.

باش مىنىستىر جۇنىچىرۇ كويزۇمى سۆزىدە، "مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدا سودا قىلىۋاتقان ياپونىيە شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ئەركىن سودا ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن.

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى 3 مىڭغا يېقىن خىتاي پائالىيەتچىسى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مەڭگۈلۈك ھەيئەت ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ھەتتا نامايىش ئاخىرى زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىپ، نامايىشچىلار ئۇ يەردىكى ياپونىيە سودا سارىيىغا ھۇجۇم قىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، چېڭدۇ شەھىرىدىمۇ نەچچە ئونلىغان كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، "ئىتو-ياكادو سودا سارىيى" نىڭ دېرىزىلىرىنى چاققان ھەمدە "ياپونىيە ماللىرىنى سېتىۋالمايلى" دەپ توۋلاشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى بەش مەڭگۈلۈك ھەيئەتنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رىقابەتچىسى ياپونىيىنىڭ مەڭگۈلۈك ئورۇنغا ئېرىشىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.