خىتاي دۆلەت مىنىستىرى تاڭ جاۋشۈەن دۈشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى كويچى كاتو بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 2007- يىلى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى ئاساسەن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاڭ جاۋشۈەن "خىتاي ۋە ياپونىيە بۇ زىيارەتتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قايتىدىن جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشى كېرەك، دېدى.
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇ ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە بىر ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاينى تۇنجى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنزۇ ئابىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياپونىيىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا، ياپونىيە كېلەر ھەپتە خىتاي بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم تارىخى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۈزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ياخشىلاش ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنى ئوچۇق پىكىرلىك بولۇشقا چاقىردى.(قانات)