ئامېرىكا يېمەكلىكلەر نازارەت قىلىش خادىملىرى خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى

خىتاينىڭ بۇلغانغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكى ئامېرىكا بازارلىرىغا ئېقىپ كىرگەندىن بۇيان،نۇرغۇن قېتىم ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋە كېسەل بولۇش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ بۇ يىل 3 ‏- ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا، خىتاي ئىشلەپچىقارغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىنى ئىستىمال قىلغان ئىت ۋە مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا يېمەكلىكلەر نازارەت قىلىش خادىملىرى خىتايغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىلغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدە بىر خىل مەلامىنە ناملىق پلاستىك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك خىمىيىۋىي ماددا بار ئىكەن. ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھەرقانداق يىمەكلىكتە، بۇ خىل خىمىيىۋىي ماددا قاتتىق چەكلەنگەن. (مېھرىبان)