خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ھوقۇقى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانال تورى ھېسابلانغان You Tube تورىنى تاقىۋەتتى. نۆۋەتتە مۇشتىرىلار گۇگۇل ۋە ياخۇ تور بەتلىرىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىقمۇ مەزكۈر تور قانىلىغا كىرەلمەيدىكەن.

بۇ ئارىدا چەتئەل خەۋەر ۋاستىلىرى، خىتاينىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى قامال قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئىچىدىكى مۇخبىرلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خوڭكوڭنىڭ نەنخۇا ئەتتىگەنلىك گېزىتى، " جۇڭگۇ ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى" نىڭ بىر مۇخبىرىنىڭ، خىتاينىڭ تۆمۈر يول سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقتىن يېقىندا خىتاي مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

نەنخۇا گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر مۇخبىر ماقالىسىدە ساختا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىلەن مەملىكەتلىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۈر ماقالىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گېزىت مەسئۇلى ۋە مۇخبىرنى قاتتىق جازالاشنى شۇنىڭدەك تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالىرى شىركىتىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ۋۇ گۇاڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە دۆلەتكە زور كۆلەمدە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)