خىتاي باش مىنىستىرى، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ چارشەنبە كۈنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە " سوتسىيالىست دېموكراتىيى "نى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېن جىياباۋ سۆزىدە، بىز سىياسىي ئورگانلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك ئورگانلارنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزىمىز" دېگەن. لېكىن ئۇ، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17- قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلار ئاساسىدا يولغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي باش مىنىستىرى شۇنداقلا، پىلانلىق تۇغۇت سىياستىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ بەيگې قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆتكەن ھەپتە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا جىددىي مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن ئىدى.
ۋېن جىياباۋ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئارمىيىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، "خىتاي ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئارمىيىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ شۇنىڭدەك ئارمىيىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قابىلىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى 2008 - يىللىق ھەربىي خامچوتنى 17.6 پىرسەنت كۆپەيتكەنلىكىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتنى كۈنسېرى كۆپەيتىشى، ياپونىيە قاتارلىق خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئوقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينى ھەربىي ئىستىراتېگىيىسى ۋە نىشانلىرى توغرىسىدا ئوچۇق بولۇشقا چاقىرغان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىنى مىللەتلەرنىڭ "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى
- خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى خىتاپنامىسى ئېلان قىلىندى
- خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تولۇق دېموكراتىيە تەلىپى رەت بولدى
- خوڭكوڭ دېموكراتلىرى خوڭكوڭنى دېموكراتىك ئىدارە قىلىشقا قىستىماقتا
- ئامېرىكا فېدېرال سوتى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئۈستىدىن ئىسپات يىغىنى ئاچماقچى
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيى يېپىلدى
- خىتاي مەركىزى كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلدى
- خۇ جىنتاۋ: خىيانەتچىلىك كومپارتىيىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 16- نۆۋەتلىك 7- ئومۇميىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- بۇ يىل كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر سانى 12 گە چۈشۈپ قالدى